ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كىرودىيە ۋە چېخىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرى بىلەن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئالغان تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «3-فېۋرال كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىن كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېب شەھىرىگە كەلدۇق. كېلىپلا زاگرېب شەھىرىدىكى ‹كىشىلىك ھوقۇق ئۆيى›دە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتۇق. بۇ يىغىنغا زاگرېب شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاشقى سىياسەت مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى».

روشەن ئابباس خانىم 2 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىرودىيە باشتا سابىق يۈگۈسلاۋىيە يىمىرىلىپ مۇستەقىل بولغان بالقان دۆلەتلىرىدە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتى يوق ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ۋاقتىمىزدا بەك تەسىرلىنىپ كەتتى. چۈنكى بۇ رايوندىمۇ يېقىنقى يىللاردا مىللەتلەر ئارىسىدا زور ئۇرۇشلار بولغانىكەن. كىرودىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ناھايىتى كۆپ كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1992-يىلىدا بوسنىيەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانىكەن. شۇڭا بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزدىن بەكلا تەسىرلەندى».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى كىرودىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان يىغىندا بۇندىن كېيىن كىرودىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى كىرودىيەدە ئېلىپ بارغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا كۆپ ساندا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلارنى چېخىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇندىن كېيىن چېخىيەدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىم تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 31-يانۋار كۈنى گوللاندىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇچرىشىشقا گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رۇبىن برېكېلماس، ئاگنېس مۇلدېر قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقانىدى. ئۇلار مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن گوللاندىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1-فېۋرال كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ھەدەم نەدە؟» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ قۇيۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

«تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

«تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»

O´Neill ئاۋام پالاتاسى بىناسىدىكى پائالىيەتلەر

O´Neill ئاۋام پالاتاسى بىناسىدىكى پائالىيەتلەر 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ھەمدە تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە دىرېكتورى سابرىنا سۇھائىل ئاۋام پالاتاسىدىكى تۈرلىك يىغىنلارغا قاتناشتى. ئۇلار

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ