«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» دا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» كۈنى ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە پۈتۈن دۇنيا «ئانىلار بايرىمى» نى قۇتلاۋاتقان پەيتلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى.

ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېخىمۇ روشەنلەشتى. نۇرغۇنلىرىمىز ھاياتىمىزدىكى ئېسىل ئانىلىرىمىزنى ئەركىن ھالدا قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتلەردە، يەنە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانىلىرى بىلەن بولغان رىشتىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئايرىۋېتىش تاكتىكىسىدا زەرداب چەكمەكتە.»

باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىمى ئەقىدە پولات 2017-يىلى دېكابىردىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن ئانىسى، ئۇيغۇر ئالىم راھىلە داۋۇت ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان، مەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم.»

» ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانى بولىۋاتىدۇ، ئۇلار مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ھۆكۈمەت قوللىغان كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ھازىر دۇنيانىڭ ۋىجدانى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىناق. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ۋە بۇ دەھشەتلەرنى توختىتىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا بەند قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى، يەنە 500 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون (د.س.) دىكى ئ‍شىخانا ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارىلاپ، ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق