ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك (Annalena Baerbock) بۈگۈن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
شى جىنپىڭنى ئاشكارە «دېكتاتور» دەپ تىللىغان بايېربوك ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەت قاتناشقان سايلامدا 167 ئاۋازغا ئېرىشتى. 14 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. 7 دۆلەت گېرمانىيەلىك كاندىدات ھېلگا شىمىدقا ئاۋاز بەردى.
ئاننالىنا بايېربوكنىڭ نېۋ-يوركتىكى ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى خىتاي ئۈچۈن ھىچ ياخشى خەۋەر ئەمەس.