ئامېرىكادىكى Netroots Nation دېموكراتىيە ۋە تەرەقىياتنى تەشەببۇس قىلىدىغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان بىر ئاممىۋى ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ 2022-يىللىق يىغىنى ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا قاراشلىق پېتىرسبۇرگ شەھرىدە ئېچىلغان. بۇ يىغىنغا 3000 غا يېقىن ئادەم قاتناشقان. يىغىن 18-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.
روشەن ئابباس خانىم پېتىرسبۇرگ شەھرىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 18-ئاغۇست، يەنى يىغىننىڭ 1-كۈنىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىدە دوكلات بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرنىڭ تولۇقىنى ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/nationnatroots-uyghur-08192022194818.html