ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار!

خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدىكى دۇئويۈن، ۋېئىبو، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا «ئامېرىكادا زاپاس ساقلاش دولقۇنى» كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر قايناپ كەتكەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى 90 كۈن توختىتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇخرالىرى بۇ مۇددەت توشۇپ، مالنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتىن ئىلگىرى، ماللارنى زاپاس ساقلىۋېلىش ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى بەس-بەستە سېتىۋېلىش دولقۇنى قوزغىغان. بەزىلىرى خىتايغا قۇرۇق چامىدان بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، چامىدانلىرىنى خىتاي ماللىرى بىلەن تولدۇرۇپ قايتىشقا باشلىغان. مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئامېرىكالىقلارنىڭ دۇكانلاردىكى خىتاي تېلېۋىزورلىرىنى «خىتاي ماللىرى ياخشى» دەپ تۇرۇپ تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىمۇ قاتناشقان بۇ بەس-مۇنازىرىدىكى ئاتالمىش «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»غا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن فىلىملەر ئەمەلىيەتتە 2018-يىلىغا تەۋە بولۇپ، خىتايلار ئامېرىكادىكى تاللا بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «قارا جۈمە» سودىسىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان.

مۇتىخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاتالمىش «زاپاس ساقلاش دولقۇنى» مۇنازىرىسى خىتاينىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تاراتقۇلاردىن ھىلىگەرلىك بىلەن پايدىلىنىپ «مانا، ئامېرىكالىقلارمۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، بىز خىتايلارنىڭ تۇتقان يولى توغرا، بىز داۋاملىق بەرداشلىق بېرىشىمىز لازىم» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ قارىشىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشماقتا ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇنازىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قوزغىغان ئىكەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.