ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرلارنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلاش
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، ۋەتەن زىيارىتىدا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوراق-سۇئالغا دۇچ كەلگەنلىكى، نازارەت ئاستىدا تۇرغانلىقى ۋە ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە قايىتقاندا، شۇ يەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى كۆزىتىپ، ئۇچۇر توپلاپ يوللاپ بېرىش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، ئائىلىلەرنى ئايرىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن جاسۇسلۇققا سېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.hrw.org/news/2026/08/16/australia-chinese-government-menaces-uyghur-diaspora?fbclid=IwY2xjawTxKoZwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEe4TAffckOdpzt_ECKURgIvcT4TBHT3VP-b8Ze5kMOzyczGsAl2MEgyts3b2Y_aem_B1_bFaAe7HnWzTrqlqrusA
