ھىتلېرنىڭ ئۆيى ساقچىخانىغا ئۆزگەرتىلدى، ئەمما ماۋزېدوڭنىڭ ئۆيى ئۇنداق ئەمەس
ئېرىقچىلىق ۋە مىللەتچىلىك دۇنيا مىقياسىدا بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان بىر دەۋىردە، ئاۋىسترىيە ھۆكۈمىتى 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىپ، ھىتلېرنىڭ 1889-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان «Braunau» دىكى ئۆيىنى ساقچىخانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى 22-ئىيۇل ئېلان قىلغان. ھىتلېرنىڭ ميۇنخېندىكى ئاخىرقى تۇرالغۇسى «Prinzregentenplatz .16″نى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 1998-يىلىلا ساقچىخانىغا ئۆزگەرتكەن. بۇ ھال ئاۋىسترىيە ۋە گېرمانىيەدە مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولغان.
ھىتلېرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى ھەممىگە ئايان تارىخ. بىراق 50 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆيى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارىخىي مىراس سۈپىتىدە قوغدۇلۇپ كېلىنمەكتە. ماۋ زېدوڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئاز دېگەندە 1.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش لايىھېلىگۈچىسى ۋە ئىجراچىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ قانچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلغانلىقى ھالا نامەلۇم، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولىدۇ، بۇنى كېلىچەك تارىخ بەلگىلەيدۇ.
