گۇاڭدوڭدىكى ئاپەت «شاۋگۇەن ۋەقەسى»نى ئەسلەتتى

گۇاڭدوڭدىكى ئاپەت «شاۋگۇەن ۋەقەسى»نى ئەسلەتتى
گۇاڭدوڭغا 25-ئىيۇلدىن باشلاپ ھۇجۇم قىلغان <Noul> بوران ئاپىتى سەۋەبلىك، 715 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇغلۇق قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى «تايفۇننىڭ ئىچكىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، خۇنەن ۋە خۇبېيغا داۋاملىق كۈچلۈك شامال ۋە قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلكۈن، يەر سىيرىلىش ۋە شەھەرلەرنىڭ سۇغا چۆكۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.» دەپ يازغان. بۈگۈن 26-ئىيۇل كۈنى ئاپەتنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن كۈنى بولىدىكەن.
بۇ ئاپەتنىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋلارغىچە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنماقتا. تەبىئىيكى، گۇاڭدوڭدا ئاپەت يۈز بەرسە، ئېسىمىزگە شاۋگۇەندە خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز كېلىدۇ.