پېنتاگوننىڭ يېڭى قارا تىزىملىكىگە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قوشۇلدى

پېنتاگوننىڭ يېڭى قارا تىزىملىكىگە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قوشۇلدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 23-ئىيۇل كۈنى 5 بۇرجەكلىك بىنانىڭ «1286-ماددا» تىزىملىكىگە خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئامېرىكا مەبلەغ سالغان تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، پېنتاگوننىڭ «1260H» قارا تىزىملىكىگە خىتاينىڭ 80 دىن ئارتۇق شىركىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ تەتقىقات مېۋىلىرىنى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئوغۇرلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.