پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئىگە بولغان ۋە 2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرىكى غايىب بولغاندىن كېيىن خەلقئارا جامائەتنىڭ تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان پروفېسسور راھىلە داۋۇت ھەققىدە 4 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەي كەلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ توغرىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يالغۇز ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە كۈچلۈك ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەنمۇ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەت تاپقان پروفېسسور، دوكتور راھىلە داۋۇت، 2017-يىلىغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاۋازى ئۆچۈرۈلۈشكە، قەلىمى سۇندۇرۇلۇش باشلىغان، شۇنداقلا زەربە بېرىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، ئارسلان ئابدۇللا ۋە باشقا داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا ئۇشتۇمتۇت مۇنبەردىن غايىب بولغان.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ئىنستىتۇتتا نۆۋەتتە راھىلە داۋۇت ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 2017-يىلنىڭ ئاخىرى ئاتالمىش «بېيجىڭغا يىغىنغا ماڭغانلىقى» نى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تېلېفونى قايتا ئېلىنمىغان. بۇ چاغ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئەقىدەنىڭ كۆڭلى ئاپىسىنىڭ بۇ «يىغىن» غا مېڭىشىدىن بىر شۇملۇقنى تۇيغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپىسىنىڭ تۇتۇلۇشىدا بىر ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن ۋە بىر يىلچە ۋاقىتنى ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى راھىلە داۋۇتنىڭ قاچاندىن بېرى ئىشقا كەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنىڭ خېلى بۇرۇنلا خىزمەتتىن توختىغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا دەلىللىدى.

ئەقىدە پولات 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئانىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق ئۇچۇر ئالغان. بىر يىللىق سۈكۈتىنىڭ ھېچقانداق ئىشقا يارىمىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئەقىدە پولات ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەن ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، ئاكتىپ بىر پائالىيەتچىگە ئايلانغان. نەتىجىدە راھىلە داۋۇتنىڭ غايىبلىقى ھەققىدە «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «دىپلومات» قاتارلىق دۇنياۋى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ مەيلى ئەقىدە پولاتنىڭ ئۆزىگە ۋە ياكى خەلقئارا جامائەتكە راھىلە داۋۇت ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ جاۋ فامىلىلىك باشلىقى راھىلە داۋۇتنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن «بۇ دېلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقى» نى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن، «راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «توغرا» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئاچقان بىرقانچە قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ غايىب ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بۇ يىغىنلاردا راھىلە داۋۇت ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان. بەزى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىدىكى قېيىن-قىستاق ۋە ياكى روھىي بېسىم سەۋەبىدىن سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنىمۇ جاۋابسىز قالدۇردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ راھىلە داۋۇت ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچماي تۇرۇۋېلىشى، خەلقئارا جامائەتتە راھىلە داۋۇتنىڭ تەقدىرىگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت ۋە ئېتىبار قوزغىغان. راھىلە داۋۇت ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئىلمىي ئورگانلار ئۇ توغرىلىق مەخسۇس باياناتلار ئېلان قىلغان. راھىلە داۋۇت كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. «ئامېرىكا ئوچۇق جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتلار تورى» 2019-يىلى ئۇنىڭغا پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن بولسا؛، باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» 2020‏-يىلى ئۇنىڭغا «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتى بەرگەن. بۇ تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتابەن بايانات ئېلان قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي تەرەپ يەنىلا بۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق يوپۇرۇپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىيىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، خەلقئارالىق ئىلمىي نوپۇزغا ئىگە تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرىلىق مەلۇمات بەردۇق.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىت «ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا مۇھىم يىغىنغا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى سايلامغا 630 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، مەخپىي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باش مىنىستېر نامزاتى فرىدىرك

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى