يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان خىتايغا كىرىش-چىقىش چەكلىمىسى، «ۋەتەنگە بېرىش» نىڭ خەتىرى

يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان خىتايغا كىرىش-چىقىش چەكلىمىسى، «ۋەتەنگە بېرىش» نىڭ خەتىرى
ئەنگىلىيە BBC نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ «كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويماقچى. بۇ نىزامغا قارىغاندا، تاموجنا خادىملىرىغا كىرىش ۋە چىقىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن.
ئەگەر سىز خىتاي ھاكىمىيىتى زىيارەتكە بېرىشنى تەۋسىيە قىلمىغان ياكى ئاگاھلاندۇرغان دۆلەتكە بارماقچى بولسىڭىز، ئەگەر سىز چىگرا سىرتىدا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولغان بولسىڭىز، ئەگەر سىز خىتاي قارشى ئالمايدىغان ھەرقانداق بىر ساھەگە مەنسۇپ شەخس بولسىڭىز …. سىزنىڭ كىرىشىڭىزنى – چىقىشىڭىزنى چەكلەيدىكەن ھەمدە كىرگەن بولسىڭىز، 3 يىلغىچە چىگرىدىن چىقىشىڭىزنى بىكار قىلىدىكەن، ھەتتا پاسپورتىڭىزنى مۇسادىرە قىلىدىكەن.
خەۋەردە، ئىچكىي جەھەتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن پاسپورت يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چەت ئەلدىكى «ۋەتەن زىيارىتى» قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر خەتەرنىڭ سىگنالى بولىشى مۈمكىن!
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.bbc.com/zhongwen/articles/c0rdp7xg277o/simp?fbclid=IwY2xjawTgBtJwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEesgqiEV1n-49GBU43atKl7e8R5vb8d1tfLJBZbTiOZxZq_tQuJi0ayamqLYE_aem_wacl5mEB7Byl6s3RcSEw4g