«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىندى

8-دېكابىر ياۋروپا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

8-دېكابىر ياۋروپا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا «ياۋروپا خەلق پارتىيەسى» نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى مىريام لەكىسمان، «خوڭكوڭنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئالىي سىياسىي مەسلىھەتچىسى سام گودمان، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە باشقا بىر قىسىم سىياسىي ئاكتىپلار، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان ئىدى.

يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قوللىنىدىغان تەدبىرى مۇزاكىرە تېمىسى بولغان ئىدى. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل 3-ئايدا تۈزۈپ چىققان يېڭى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ قانۇننى پۈتكۈل ياۋروپا مىقياسىدا ئەمەلىي تەدبىق قىلىشى تېخى ئىشقا ئاشمىغان ئىدى. مەزكۇر «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» دا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تاۋارلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ياۋروپا شىركەتلىرىنى جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا مانا مۇشۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چوڭ شىركەتلەرنى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» غا بىنائەن پۈتۈن ياۋروپادا چەكلەش مەسىلىسى ئاساسىي مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغداش ۋە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى سۈپىتىدە ئەمەلىي جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ بىر مۇزاكىرە نۇقتىسى بولغان ئىدى.

يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، بۇندىن 75 يىلگىرى يەھۇدىيلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشكەن ۋولكىسۋاگېن، BMW، Zimens قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىدەك «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي زۇلۇملىرىنىمۇ ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق شۇكى: خەلقىمىز جازا لاگىرى، جەسەت كۆيدۈرۈش سېخلىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ھەم بالا چۈشۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىش قاتارلىق ئېغىر ئاپەتلەرگە يولۇقىۋاتقان، باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىپ ئۆلۈۋاتقان ۋە قىرىلىۋاتقان بىر چاغدا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئېچىنارلىق پاجىئەلەرگە بىنەزەر ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپىئەت ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇلارنى ‹نورمال› دەپ قارىسا ھەمدە ئالدىنقى ھەپتە ئىسپاتلانغاندەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاستە جاۋابكارى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرسا، سودا بىلەن ئىنسانىي ئاخلاق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقامدۇ-يوق؟ غەرب قىممەت قارىشىنىڭ يۈزىگە داغ سۈرتىلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولىۋاتقان مىڭلىغان شىركەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرىنى قانداق ئاقلىيالايدۇ؟»

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئىمزا قويىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئوخشاش قانۇنلارنى ماقۇللاپ، بۈگۈنكى زامان قۇل ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشى پەۋقۇلاددە زۆرۈر. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتقان بۇ خىل قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇل ئەمگىكى ئۇيغۇر ۋەتىنىنى دوزاققا ئايلاندۇرىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە، بىز خەلقئارا جەمئىيەتتىن يېتەرلىك دەرىجىدىكى قارشى ئىنكاسلارغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىمىزغا شاھىد بولىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تاۋارلارنىڭ ياۋرۇپا تۇپراقلىرىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى قىلىشى لازىم».

بۈگۈن لوندۇندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رۇشەن ئابباس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن ھەر قېتىمقى نۇتۇقلىرىمدا تىلغا ئالغىنىمدەك، بۇ يىغىندىمۇ غەرب قىممەت قارىشىنى ھايات مىزانى قىلغان كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا، ئەخلاقىغا سوئال قويدۇم» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بۈگۈن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ خىتايغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنالمايۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر قورالغا، بىر بۈيۈك دەسمىيگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﻩ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻠﯘﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﻪﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻣﺎﺟﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺧﯩﺘﺎﻱ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﯘﮪﺎﺱ ﺳﯘﺑﺮﺍﻣﺎﻧﻴﺎﻡ (Suhas Subramanyam) ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ>>ﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ

ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﻩ 200 ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ، 15000 ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﻰ: ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ، ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ

ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﻩ 200 ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ، 15000 ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﻰ: ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ، ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻴﯘﻧﻨﯩﯔ 16-18-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ G7 ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ، 14-ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﯨﻜﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻳﯩﻨﯩﺪﺍ 200 ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ 64 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ 64 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ، 8 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ

ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ

ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻥﮔﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﻛﯚﭖ. ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ FBI ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ «ﻣﻪﯞﮪﯘﻡ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ» ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺗﺎﻗﺘﺎ «ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ،

چېخىيە خىتاي ماشىنىلىرىنىڭ سەزگۈر رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ توغرا قىلغان

چېخىيە خىتاي ماشىنىلىرىنىڭ سەزگۈر رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ توغرا قىلغان چېخىيە تاراتقۇلىرىدىن <<Seznam Zprávy>>نىڭ 11-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، چېخىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باش ھەربىي شىتاب بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبېللارنىڭ

ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭ ﺧﺎﯞﺳﺎﻛﻮﺱ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ

ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭ Leo Housakos ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭﻯ Leo Housakos ﺋﯩﻴﯘﻧﻨﯩﯔ 9-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ 8 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﮔﯘﻧﺎﮪ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ