ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق ماشىنا ۋە كۈنتاختىلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ئويلىنىۋاتقان بىر چاغدا، «بېيجىڭنىڭ ئۆردەك گۆشى» ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. چۈنكى، ياۋروپادىكى 5 چوڭ ئۆردەك گۆشى شىركىتى ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﯩﻴﯘﻧﯩﻐﺎ ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمى مەبلىغىگە تايىنىپ ئۆردەك گۆشلىرىنى ياۋروپاغا ھەددىدىن زىيادە ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىشى سەۋەبلىك، ئۆزلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ (FAO) ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﮔﯚﺷﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 800 ﻣﯩﯔ ﺗﻮﻧﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ژورنىلى»دا بايان قىلىشىچە، «تەكشۈرۈش دائىرىسى ئۆردەك گۆشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەھسۇلاتلار يېڭى، سوۋۇتۇلغان ۋە توڭلىتىلغان پۈتۈن ئۆردەكلەردىن تارتىپ سۆڭەكلىك ياكى سۆڭەكسىز پارچىلار، تۇزلانغان ياكى ئىسلانغان ئۆردەكلەر، ھەتتا ۋاكۇئۇم قاچىلانغان «يېيىشكە تەييار قورۇلغان ئۆردەك» ۋە قۇتىلىق ئۆردەك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغىچە بولىدۇ.»
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ ياۋروپانىڭ چوشقا گۆشى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىچىملىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە، چەكلىمە قويۇشقا باشلىغان ئىدى.
