ياپونىيەنىڭ <<CIA>> سى خىتاينى خېلىلا بىئارام قىلماقتا
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيا مىقياسىدا ھەممىلا دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى بەس-بەستە قۇرغان بولسىمۇ، «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» سانالغان ياپونىيە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن. شۇنداقتىمۇ، ياپونىيە ئۆز ئىچىدە ئارمىيە، ساقچى ۋە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىستىخبارات ئىشخانىلىرىنى قۇرۇپ، 81 يىلدىن بۇيان خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
2026-يىلى 27-ماي ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى بىلەن «مىللىي ئاخبارات كېڭىشى» ۋە «مىللىي ئاخبارات ئورگىنى» قۇرۇلغان ھەمدە 31-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كۆز ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلانغان خىتاينى نىشانلاپ يەرلەشتۈرىشى مىللىي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ياردىمىگە جىددىي ئىھتىياجلىق بولغاچ، بۇ ئورگاننىڭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ-ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ پائالىيەتلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۇنى «ياپونىيەنىڭ قايتىدىن ھەربىيلەشتۈرۈلىشى» دەپ ئاتاپ، ياپونىيەنى «پەخەس بولۇش»قا چاقىرغان.
قانداقلا بولمىسۇن، خىتايغا بىرقېتىم ئېسىدىن چىقمىغۇدەك تېتىغان ياپونىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن يەنە بىرقېتىم قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشىدا سانايې تاكاچېينىڭ تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان.
