يالقۇن روزىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تەسەللى

يالقۇن روزىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تەسەللى
ئۇيغۇر يازغۇچى، ئوبزورچى، نەشرىياتچى ۋە مائارىپچى يالقۇن روزى 2016-يىلى جازا لاگىرلىرى تەسىس قىلىنغاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئارگېنتىنادىكى CADAL تەرىپىدىن تارقىتىلغان 2026-يىللىق << Graciela Fernández Meijide Award>>غا ئېرىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ بىر تەسەللى بېغىشلىدى.
ئارگېنتىنا پايتەختى Buenos Aires دىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا 24-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس قاتارلىق بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار قاتناشتى.