مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى
داۋوستا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەرز، دۇنيانىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ «دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتى دەۋرى رەسمىي باشلاندى، بۇ دۇنيا ئەمدى ئۇنداق راھەت ماكان ئەمەس» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، چوڭ دۆلەتلەر «ھوقۇقنى، ئەمەلىي كۈچنى ۋە كېرەك بولسا، ھەربىي كۈچنى تەكىتلەيدۇ». بۇنداق بىر زاماندا «دۆلەتلەر ئۆز مەۋجۇدلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن رەھىمسىز رېياللىققا يۈزلىنىپ، ئېنىق بولغان ئەمەلىي بىر نىشاننى بەلگىلىشى لازىم» ئىكەن.
مەرز: «كۈچ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن دۇنيا، خەتەرلىك جايغا ئايلىنىدۇ، بۇ يالغۇز كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ شۇنداقتۇر» دېگەن.
مەرز كۆزدە تۇتقان چوڭ دۆلەتلەر ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيەدىن ئىبارەت بولغان. چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.