مىڭلىغان تىبەتلەر ئۆز قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلىدى
تىبەت قەھرىمانى Pawo Lobga Rangzen ھەمدە تىبەتنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشى يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان تىبەتلىكلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 2-ئاۋغۇست نيۇ-يوركتىكى دەۋىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مىڭلىغان تىبەتلىكلەر قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا، تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئىرادىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇلار خەلقارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەركىنلىك كۆرىشىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى Richard Gere بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
