«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»غا قارشى نامايىشتا
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى (CATA) تەرىپىدىن 1-ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»غا قارشى تۇرۇش نامايىشىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»دىن ئىبارەت ئالدامچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.