لەي چىڭدې «قىزىل تەھدىت» ۋە «قىزىل تېررورلۇق»قا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

لەي چىڭدې «قىزىل تەھدىت» ۋە «قىزىل تېررورلۇق»قا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تەيبېيدە 4-ئاۋغۇست باشلانغان «2026-يىللىق ھىندى-تېنچ ئوكيان خەۋىپسىزلىكى دىئالوگى» يىغىنىدا سۆز قىلغان تەيۋەن پرىزدېنتى لەي چىڭدې، خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى «پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ قارشى تۇرىدىغان قەبىھ قانۇن» دەپ ئاتىدى ھەمدە خىتايدىن ئىبارەت بۇ «قىزىل تەھدىت» ۋە «قىزىل تېررور»غا قارشى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادە قىلدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ يالغۇز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قەبىھ قورال بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە تەيۋەنگە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىر تاجاۋۇزچىلىق قورالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.