«كوڭزى ئىنىستىتۇتى»لىرى ئەندىشىلىك ئورگانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «كوڭزى ئىنىستىتۇتى»لىرىنىڭ بىۋاستە خىتاينىڭ «توڭ جەن بۇ» (统战部) دەپ ئاتالغان ئورگانلىرىغا قارايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كومپارتىيە ئىدىئولوگىيەسىنى تارقىتىشتىن سىرت، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلار، دېپلوماتىك ھىلە-نەيرەڭلەر، جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى غەرب ئەللىرىدە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇلارنى تاقىغان ياكى ئۇلارنى قوللاشنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىرى ھېلىمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.
ئاۋغۇستنىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىكى ئامېرىكادىكى 30 ئاكادېمىك ئورگاننىڭ خىتاي، رۇسىيە، ئىران ئاكادېمىك ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغاندا، خىتاينىڭ «كوڭزى ئىنىستىتۇتى»لىرىنى «ئەندىشىلىك چەتئەللىك ئورۇنلار» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈش نىشانىغا ئالغان. ئامېرىكادىكى 130 ئالاقىدار ئورگاننىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاينىڭ «كوڭزى ئىنىستىتۇتى»لىرى ئىگىلەيدىكەن.
