«كوممۇنىست خىتاي زۇلۇمىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش قانۇنى» — يەنە بىر يېڭىلىق
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن Rick Scott بىلەن Marsha Blackburn تەرىپىدىن 22-ئىيۇل ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كوممۇنىست خىتاي زۇلۇمىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش قانۇنى»غا قارىتا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قوللاش ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى.
مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، فالۈنگۇڭچىلار، خىرىستىيان مۇردلىرى، دېموكراتىك خىتايلار قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش، ئۇلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى مەڭگۈ ئەستە تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
قانۇندا يەنە، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان بىر مۇئەسسەسە ئورنىتىشمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
