كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاش چۇقانلىرىمۇ بارغانسېرى زور سالماققا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئەنە شۇ خىل سادالارنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن.

25-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا يىغىن رىياسەتچىسى، «ئەسىر مىللەتلەر بىرلەشمىسى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى سىخون كىم ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. روشەن ئابباس يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر ئەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندىكى بارلىق زۇلۇم شەكىللىرىدە بىردەك «ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوق قىلىش» تەك بىر ئورتاق نىشاننىڭ كۆزلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا مەھكۇم بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئۇيغۇر بولۇش» تىن باشقا ھېچقانداق بىر «جىنايەت» ساھىبى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ھايات قېلىشتەك ئاخىرقى ئارزۇسىنىڭمۇ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق شۇنچە ئاشكارا مەلۇم بولۇۋاتقاندا دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ شىركەتلەرنىڭ تېخىچە ئۇيغۇرلار ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» تىن مەنپەئەت ئېلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ «بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا بۇ قىرغىنچىلىق دۇنياغا كېڭىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ھەممەيلەننىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشى بەكمۇ زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ئېنكىبات توچوگ يىغىن ئەھلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل خەلقىگە قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە» دېگەن رېئال نامنى سىياسىيلاشتۇرۇپ «ئىچكى موڭغۇل» دەپ ئۆزگەرتىشىتىن باشلانغان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئەڭ بۇرۇن ئىشغال قىلغان بۇ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي تازىلاش، ئىقتىسادىي تالان-تاراج، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىق مەزمۇنلار مۇجەسسەملەشكەن قەبىھ ۋە زۇلمەتلىك ماھىيىتى ئەڭ بالدۇر ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئاللىقاچان مىليوندىن ئارتۇق موڭغۇل «تازىلانغان» بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانچىلىك غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى» نى داۋراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، «قوش تىل» نامىدىكى خىتايچە مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى، ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قەبىھ نىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشكارا نامايان بولغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە «ئامېرىكا-تىبەت كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن تېنزېن سامپو يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدىكى نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل تىبەتلەرنى «خىتايلاشتۇرۇش» ۋە تىبەتلەرنى مەدەنىيەت جەھەتتىن قىرغىن قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق نىشانى بولمىغانلىقىنى كۆپلىگەن مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «قىرغىنچىلىقنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ماھىيىتى» ھەمدە ئۇنىڭ ئەڭ زامانىۋى شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشى توغرىسىدا «خوڭكوڭ ئەركىنلىك فرونتى» نىڭ رەئىسى باگيو لوڭ ئەھۋال تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا شاھىت بولغان ئەھۋالدا ئۆزلىرى بەرگەن «يۈكسەك ئاپتونومىيە» ۋەدىسىدىن قانداق يېنىۋالغانلىقى، بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاشكارا بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى. .

مەلۇم بولۇشىچە، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قاتار كىتابلار نەشر قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مۇشۇ خىلدىكى زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

خىتايدىكى «دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى» قانداق نەرسە؟

خىتايدىكى «دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى» قانداق نەرسە؟ خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-يانۋار كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن شياۋجياڭنىڭ رەھبەرلىكىدە «دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى» چاقىرىلغان. دېمكراتىيە بولمىغان

خەلقارا ئېتىقاد كونفرانسىنىڭ رۇشەن ئابباس ھەققىدىكى بايانلىرى

«خەلقارا ئېتىقاد كونفرانسى»نىڭ رۇشەن ئابباس ھەققىدىكى بايانلىرى: . بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ خەلقارا ئېتىقاد كونفرانسى (Interfaith Conference))نىڭ «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي

رۇشەن خانىم دېكتاتورلارغا قارشى كۈچلەر بىلەن

رۇشەن خانىم دېكتاتورلارغا قارشى كۈچلەر بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 14-يانۋار ۋېنىسۇئېلا دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، مادۇرو زامانىدىكى سابىق سىياسىي مەھبۇس، دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن

خىتاي تىبەتتە ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتكەن

خىتاي تىبەتتە ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتكەن خەلقارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىبەتتىكى سىستېمىلىق ھەربىيلەشتۈرىشى ۋە مەدەنىي باستۇرۇشلىرى ئاشكارىلانغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ تىبەتنى «ئىككىنچى دەرىجىلىك قوماندانلىق شىتابى»غا ئايلاندۇرۇپ،

خىتاي ئېرىشكەن 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللار — ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى

خىتاي ئېرىشكەن 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللار — ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى . خىتاينىڭ 2025-يىللىق سودا بالانىسىدا قولغا كەلتۈرگەن 1 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2025-يىللىق ئېشىشى قانداق ۋۇجۇدقا چىقتى؟

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2025-يىللىق ئېشىشى قانداق ۋۇجۇدقا چىقتى؟ رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىق ۋە بلومبېرگنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 2025-يىللىق ئېكىسپورتتىن قولغا كەلتۈرگەن سودا بالانىسى 1 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ،

قىزىل قەلئە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قورالى

«قىزىل قەلئە» خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قورالى ئاننا ۋاڭنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ SOE دەپ ئاتالغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىسى 中国国有企业 تەركىبىدىكى «قىزىل قەلئە» — «Red Fortresses» (红色堡垒) نىڭ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ

دىققەت: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نامى سۈيئىستىمال قىلىنماقتا

دىققەت: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نامى سۈيئىستىمال قىلىنماقتا! ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ WEB سەھىپىلىرىگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ياكى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ شەخسىي تور ئادرىسلىرى ھەم ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ساختىسىنى ياساپ،