كانادادىكى پائالىيەتلەر نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى، دۇق مۇئاۋىن رە’ئىسى زۇمرەتاي ئەركىن قاتارلىقلار بىلەن 22-ئاپرىل كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا باشلانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان C-251 قانۇن لايىھەسىنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇردى.
رۇشەن ئابباس خانىم بۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا كانادانىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە پارتىيە مەسۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.