Warning: preg_match(): Unknown modifier '(' in /customers/7/5/d/cxezmb4fp/webroots/www/wp-includes/load.php on line 1968 كانادادىكى خالىفاكس خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا - ئۇيغۇر ھەرىكىتى

كانادادىكى خالىفاكس خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

كانادادىكى خالىفاكس خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم خالىفاكس خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى( Halifax International Security Forum) غا يەنە بىرقېتىم قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ يىغىنلاردا، دۇنيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىۋاتقان كۈچلەر ھەققىدە مۇھاكىمىلەردە بولۇش ئاساسلىق تېما بولۇپ، خىتاي بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بىر نىشان ھېسابلىنىدۇ.
رۇشەن خانىم بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ كەلمەكتە. 20-نويابىر كۈنى، ئۇ كانادا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى David Mc Guinty بىلەن كۆرۈشكەن.