RFA ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ:
2025.04.10
شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى چارشەنبە كۈنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئىجتىمائىي توربەتلەرنى قاپلاپ كەتتى. بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە زور غۇلغۇلە پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ كىملىكىگە بەكلا قىزىقتى. بەزىلەر بۇ ئۇيغۇرنى شىۋىتسىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە، شىۋىتسىيەنىڭ بىر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلغان بىر ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەپتىش ئەمەلدارى ماتس ليۇڭكۈست، «بۇ كىشى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قانۇنسىز ئۇچۇر يىغىش ۋە ئاخبارات توپلاش گۇمانى بىلەن تۇتۇلدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «بۇ دېلو ناھايىتى سەزگۈر ۋە تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ھازىرچە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيمەن» دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېرىشكەن سوت ھۆججىتىگە قارىغاندا، بۇ جاسۇس گۇماندارى يەكشەنبە كۈنى تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ 1967-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن. خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ جاسۇس گۇماندارى خىتايچە تەرجىماننى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ساپو دەپ ئاتىلىدىغان شىۋېتسىيە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىپتىكى جىنايەتلەر ئاساسەن سىياسىي ئۆكتىچى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدىكەن. ساپو باياناتىدا، «بۇ خىل ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى مۇستەبىت ۋە دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.
رويتېرز ئاگېنتلىقى بۇ دېلونى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىۋاستە ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ ستوكھولمدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا، ئەلچىخانا ئېلخەت ئارقىلىق بۇ دېلودىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ ئارتۇق باھا بەرمىگەن.
خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن بۇ جاسۇس گۇماندارى دىلشات رىشىت بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىنغان بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ گۇماندار توغرىسىدىكى سوت ھۆججىتىدە دىلشات رىشىتنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار بۇ باياناتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي يىغىن ئېچىپ 2004-يىلىدىن بېرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي تىلى باياناتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن دىلشاتنى ئۆز ۋەزىپىسىدىن بوشاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتتا ئۆزىنىڭ بىر يېتەكچى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە تەھدىتلەر ئۈستىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى ۋە بەزى قارشى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە جەھەتتىكى مەبلەغلىرىنىڭ كەملىكىدىن بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇرەككەپ دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش ئۈچۈن تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇنۇشلىرى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇيۇشچانلىقىغا خەۋپ ئېلىپلا كەلمەي، يەنە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئاممىۋىي بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتتا يەنە، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىستىخباراتقا قارشى ئورگانلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ھەمكارلىشىشى، شۇنداقلا ئاجىز بولغان جامائەتلەرنى جىددىي قوغداش توغرىسىدا يېقىندىن ماسلىشىپ دۆلەتنىڭ ياردىمىنى بېرىش كېرەكلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قورقۇتۇشى ۋە ئارىلىۋېلىشىدىن خالى ھالدا ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا چاقىرىق قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، «بىز مۇناسىۋەتلىك دائىرلەر بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشتىن-ئاخىر ئاشكارە، ئادىل ۋە قانۇنىي جەريان بىلەن ئىش بېجىرىشىغا داۋاملىق چاقىرىمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن تۇتۇشى بولماستىن، مەزكۇر ھۆكۈمەت 2009-يىلى شىۋېتسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەن بابۇر مەخسۇت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.