«شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى چۆچۈتىۋەتتىمۇ؟
يېقىندا ئامېرىكانىڭ ۋەتەن خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار بولغان 43 شىركىتىنى يېڭىدىن قارا تىزىملىككە ئالغاندىن كېيىن، بۇ زەربىنى ھەزىم قىلالمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى «قۇللارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىشلىتىش تارىخىغا ئىگە بىر مىللەت، باشقىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئەيىپلەشكە جۈرئەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ جار سېلىپ، «ئۇلار 10 يىللارچە ئىلگىرى شىنجاڭ ئىچىدە ئەسەبىيلىكنى قوزغاشقا زور مىقداردا پۇل خەجلەپ، رۇسىيە ۋە ۋېنېسۇئېلادا ئوينالغان سىنارىيەنى تەكرارالاشقا ئۇرۇندى، بۇ ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى پۈتۈن خىتاينى چۆكتۈرىدىغان پاتقاققا ئايلاندۇرۇش ئۈمىدىدە بولدى. لېكىن جۇڭگو ئۇلارنىڭ سىنارىيەسىگە ئۇيغۇنلاشمىدى» دەپ دەرت تۆكتى.
بۇ پىكىرلەر بىر خىتاينىڭ 7-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى چۆچۈتىۋەتتى» ناملىق ماقالىسىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ ماقالىدا ئىلگىرى سۈرىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان كرېمنىي رۇدىسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك نىتروسېللۇلوزا باشقا ئەللەردە كۆپ ئەمەسكەن. ۋەتىنىمىزدىكى يېشىل ئېنېرگىيە ۋە ئوق-دورىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇ مەھسۇلاتلار ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى بىئارام قىلىۋاتقان ئاساسىي ئامىل ئىكەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://user.guancha.cn/main/content?id=1708799&fbclid=IwY2xjawTiicFwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEe4i0XSUgPliK4hqyltz0TYEgSEMnubRfbuhGPEIQgwOS3Zq2PHZylDMYGNIU_aem_4Sv4fkFtNuUKYK9ge8eJlg
