شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى __ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى __ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خىتاينىڭ تيەنجىن شەھرىدە 20 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىغىن چاقىرىپ، غەربكە كۈچ كۆرسەتمەكچى. ماھىيەتلىك بىر سىياسەت بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئىچى بوش باياناتلار بىلەن ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپنى بىئارام قىلماقچى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىر 10 ئەزاسى بولۇپ، خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، ئىران، بلارۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستاندىن باشقا، يەنە 16 دۆلەت كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە يىغىنلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمغۇچى دۆلەتلەردىن ئىبارەت.