سابىق دېپلومات Ryo Miyoshi ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان
ياپونىيەنىڭ سابىق رۇسىيە ئەلچىسى ۋە دېپلوماتى Ryo Miyoshi شەرقىي تۈركىستاندا بىر ھەپتە شەخسىي زىيارەتتە بولغان. ئۇ ياپونىيەدىكى ۋاقتىدا «خىتايلار ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەن» دېگەنگە ئىشەنگەن. بىراق بۇ قېتىمقى ساياھىتى جەريانىدا، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر كىتابخانىغا كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى رەسىملىك كىتابنى كۆرگەن. ئاندىن كوچىلاردا ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن. ئاندىن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە مېھماندا بولۇپ، ئۇيغۇرچە گەپ ئاڭلىغان.
بۇ سابىق دېپلومات، شۇنىڭ بىلەنلا توردا بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى ئېلان قىلىپ، «خىتايلار ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەن» دېگەننى يالغانلىغان. خىتايلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ياپونىيەدىكى ھەقنى سۆزلىگەن كىشىلەرنى مات قىلىش ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا «خىتايلار ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەن» دېگەنگە قارشى دەلىل سۈپىتىدە قوللىنىش يۈزسىدىن، تەشۋىقات قورالى قىلىپ كەڭ ئىشلىتىشكە باشلىغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.chinanews.com.cn/gj/2026/08-25/10683836.shtml?fbclid=IwY2xjawT6VIlwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEe0zR4iVwI08b_Gy8Mc8-Y90KEVHW1J-Dtg9vWi0TeTwTq-McToWhUsTzu0Lc_aem_dYnWN38hp3JUW-W-f7gW3g
