رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى
يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق خەلقارالىق يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدىن ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رۇشەن خانىم «بۇ پەقەتلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەمەس، بۇ ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قارشى ئۇرۇشى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇشى، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ، تامامەن خەلقارالىق بىر مەسىلىدۇر!» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.