رۇشەن ئابباس: بېيجىڭ بىر پۈتۈن مىللەت ۋە دىنىي توپلۇمغا «بىخەتەرلىك تەھدىتى» تامغىسىنى باستى
ئائۇغۇستنىڭ 20-كۈنى <<UCAnews>>دا ئېلان قىلىنغان <<خىتاي تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەدبىقلىدى>> ناملىق زور ھەجىملىك يازمىدا، خىتاينىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قوزغالغان خەلقارا تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئۇستىلىق بىلەن سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ بىر قورالىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقى تارىخىي مىساللىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
يازمىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن. «مۇسۇلمان بولغانلىق ۋە ئۇيغۇر بولغانلىق، خىتاينىڭ نەزىرىدە جىنايەتچى بولغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، جازالاش، ھەتتا كۆزدىن يوقىتىۋېتىشكە سەۋەب بولالايدۇ!» دېگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يازمىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.ucanews.com/news/how-china-turned-the-war-on-terror-against-the-uyghurs/114847?fbclid=IwY2xjawTztYFwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEeCYUFaCu94GiH-Bz1__viIDD9lz7es7UUUrp3GK1HKGSTX89ocqICzQz66JA_aem_U-0x9g9ulSY6WSFgWsZ74w
يازمىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
