روشەن ئابباس: «ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاش ئىكەن دېدى»

روشەن ئابباس خانىم «ھەدەم ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش مۇراسىمىدا، 2022-يىلى 17-دېكابىر، قۇددۇس.

ۋاشىنگتوندىكى  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى تونۇشتۇرغاندا ئىسرائىلىيەلىك خادىملار  ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. ئۇنىڭ  بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتلەر 17-18- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. يېپىق سۆھبەت ۋە يېپىق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدۇق. بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە دوكلات بەردۇق. ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقان سۆھبەت بولسا ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىدە بولدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى  سۈرەتلەر، سىن كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇدىرى چىرايلىرى تاتارغان ھالدا: <بۇلار تارىختا بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بىز يەھۇدىيلار تارىختا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنى سىلەرمۇ بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈۋېتىپسلەر، سىلەر ئۇچراۋاتقانلار بىزگە بەكلا تونۇشلۇق، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاش، ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن> دېدى.  يەنە بىر ياشانغان  كىشى <سىلەر ئۈمىدىڭلارنى يوقاتماڭلار، بىزمۇ ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىغاچقا دۆلىتىمىزنى قۇردۇق. ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، كۆرۈشۈڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار> دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ بەكلا تەسىرلەندۇق».

روشەن ئابباس ۋە   ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن 15-20-دېكابىر كۈنلىرى   ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ، يېرۇسالېم قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى  تۇنجى پائالىيىتى ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدا  تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. روشەن ئابباس بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇلارنىڭ  خىتاي دائىرىلىرىنىڭ  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى   دوكلات ئاڭلاشقا ئىشتىراك قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە باشقىلار   ئارىسىدا  كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئىرىت باك خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلاپ ئالغان تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: « تارىخچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردە ئوقۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بىز پروفېسسورلار <ھەرگىز قايتىلانمايدۇ> دېگەن سۆزنى بىر شوئار قاتارىدا ئەمەس، بەلكى بۇيرۇق سۈپىتىدە، شەخسىي بۇرچ سۈپىتىدە قاراپ،  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى  تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. مەن بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ بەكلا تەسىرلەندىم».

ئامېرىكانىڭ تېل-ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى پائالىيەت، 2022-يىلى دېكابىر.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە  17-دېكابىر كۈنى  يېرۇسالېم، يەنى قۇددۇستىكى بىر كىنوخانىدا «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. مەزكۇر فىلىم روشەن ئابباسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان بىگۇناھ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى  ھەققىدە ئىشلەنگەنىدى.

پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىسرائىلىيە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى تونۇشتۇرىدىغان  پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، گەرچە كىشىلەر مەتبۇئاتلار ئارقىلىق  ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن  خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما  ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسرائىلىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ  بۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى  بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە سەپەرگە ئاتلانغان   ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس قاتارلىقلار 12-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلار بۇ  جايدىكى پائالىيەتلىرى تاماملانغاندىن  كېيىن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەنىدى.

مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/israiliye-uyghur-qirghinchiliq-12202022124139.html

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى سابرىنا سوھائىل، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 17-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 16-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ناھايىتى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي 14-ئاپرىل ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاينى ساراسىمىگە سالماقتا +++ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتكۈل دۆلەتتىكى ئەلچىلىرىدىن دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ،

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ>

<ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ 10-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ <ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ: ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺗﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ

شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ جىددىي تەكشۈرمەكتە

RFA ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: 2025.04.10 شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى چارشەنبە كۈنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» دەپ