«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز قىلدى.
بۇ گورۇپپا يىغىنىغا «لانتوس ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت فوندى»نىڭ رەئىسى ھەم IRF باشلىقلار يىغىنىنىڭ قوش رەئىسى در. كاترىنا لانتوس (Dr. Katrina Lantos) رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇنبەردىن رۇشەن خانىم بىلەن بىرگە ب د ت خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ رەئىس دوكلاتچىسى در. ماتتھەۋ گىللەتت (Dr. Matthew Gillett), رۇئاندانىڭ قاماقتىكى ئۆكتىچى رەھبىرى Victoire Ingabire Umuhoza نىڭ ئوغلى Rémy Amahirwa قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ دىنىي ئىتىقاد ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسىدا بولىۋاتقان كىشىلەرگە قانداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقى مۇھاكىمىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.
رۇشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دېكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ زىيانكەشلىكلەرنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بەلكى جەمىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ-ئوقۇبەرلەر چېلكىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.