داڭلىق ژۇرنالىست مەھدى ھەسەن ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ژورنالىست مەھدى ھەسەن سىياسىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان «مەھدى ھەسەن شوۋ» نامىدىكى تېلېۋىزىيە چاتما پروگراممىسى بىلەن تونۇلغان. ئۇ ئەگەشكۈچىسى مىليوندىن ئاشىدىغان داڭلىق ژورنالىست ۋە پروگرامما رىياسەتچىسى.

27-ئۆكتەبىر كۈنى بېرىلگەن «مەھدى ھەسەن شوۋ» تېلېۋىزىيە چاتما پروگراممىسىدا، ئۇ مەخسۇس ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەھدى ھەسەن مەزكۇر پروگراممىدا ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ تۈرك ماھىرى ئەنەس كانتەرنىڭ «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن تېمىلاردىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلىتىلگەن نايكې قاتارلىق تەنتەربىيە ئاياقلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى ۋە نايكې شىركىتىنىڭ جاۋابى ھەققىدە توختالغان. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاندىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان دوكلات ۋە بېرىلگەن خەۋەرلەرنى ئانالىز قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى، تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا 43 دۆلەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا ۋە تەدبىر ئېلىنىش تەكىتلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان.

مەھدى ھەسەن 27-ئۆكتەبىردىكى پروگراممىسدا يەنە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىغا، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى، قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەھدى ھەسەن 27-ئۆكتەبىردىكى «مەھدى ھەسەن شوۋ» پروگراممىسىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامنىمۇ ئالاھىدە زىيارەت قىلغان.

مەھدى ھەسەن جەۋھەردىن ئۇنىڭ 2012-يىلى بېيجىڭ ئايرودرومىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكاغا كېلىش جەريانى، ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان قارشىنى سورىغان.

جەۋھەر ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تەلەيلىك دەپ ھېسابلايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆتكەن 8 يېرىم يىل جەريانىدا ھەر خىل مۈشكىلاتلارنى يېڭىپ، تۇتقۇندىكى دادىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا بۈگۈنكىدەك بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

27-ئۆكتەبىردىكى «مەھدى ھەسەن شوۋ» پروگراممىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتۈش تەشكىلاتى» نىڭ دېرىكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، مەھدى ھەسەننىڭ بۇ پروگراممىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پروگرامما «جاسارەتنىڭ نامايەندىسى» دېگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مەھدى ھەسەندەك بىر تونۇلغان ژورنالىستنىڭ مىليونلىغان ئەگەشكۇچىسى بولغان «مەھدى ھەسەن شوۋ» پروگراممىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

ژورنالىست مەھدى رازا ھەسەن 1979-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئانالىزلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ «مەھدى ھەسەن شوۋ» پروگراممىسى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان بولۇپ، مەزكۇر تېلىۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى مىليوندىن ئاشىدىكەن. ژورنالىست مەھدى ھەسەن ئىلگىرى «مەھدى ھەسەن شوۋ» پروگراممىسىدا، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا

رۇشەن خانىم : خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى

رۇشەن خانىم <Fox News>دا: خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ 8-ئىيۇل <<Fox News>>دا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى چىقارغان مىللەتلەر

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار «ئارقا ئىشىك»تىن كىرىش ۋە «تېخنىكا ئوغۇرلاش» بىلەن سەلبىي ئوبراز ياراتقان قىزىل خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ

كالىفورنىيەدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

كالىفورنىيەدىكى IT شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى مەركىزى كالىفورنىيەدە بولغان «Digitalsystem Technology» ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى خىتاي پۇخرالىرىغا تەۋە بولغانلىقى

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 138 دۆلەتتە

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ Temu, Shein, AliExpress ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 16 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 2025-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ