خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ترامپ-شى ئۇچرۇشىشىدىن ئىلگىرى، سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش تېمىسىدا خۇدسون ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتناشتى.
خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات بۇ يىغىندا گراكە جىن درەخەل، گائو پۇ ۋە خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ئامان قالغان مىچائەل كوۋرىگ بىلەن بىرگە، خىتايدا ئازاپ چېكىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆز قىلدى. ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەب قىلدى.