خىتاي 33 دۆلەت ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەپسەتىسىنى ئۆگەتمەكتە

خىتاي 33 دۆلەت ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەپسەتىسىنى ئۆگەتمەكتە
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى»نىڭ 10-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئۇنىڭ خەلقارالىق مەنىسى» دېگەن تېمىدا «دوستانە سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سۆھبەتكە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئالجىرىيە، ئاۋىسترالىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 33 دۆلەتتىن «خەلقارالىق داڭلىق شەخسلەر» كېلىپ قاتناشقان. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى ۋىلايەتلىرىدە زىيارەت قىلدۇرىلغان.
خەۋەردە «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى 21-ئەسىردە كۆپ مىللەتلىك رايونلارنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىدە قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە چەت ئەللىكلەرنىڭ تىلىدىن: «سەن بىر رايون ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلماقچى بولىدىكەنسەن، ساڭا تەھدىت بولۇپ تۇيۇلغان كۈچلەر ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىپ، يۈرۈكىنى مۇجىۋەتكەندىن كېيىن ئازراق كەڭچىللىك قىلساڭلا كۇپايە» دېمەكچى بولغان.
خىتاي ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى «ھەقلىق ھەرىكەت» كۆرسىتىشتەك نومۇسسىزلىقتىن ۋاز كەچمەيدۇ.