خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان
ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 138 دۆلەتتە خەۋىپسىزلىك كۈچلىرىگە 900 قېتىمدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى دەرسى ئۆتكەن. 80 دىن ئارتۇق دۆلەت خىتاينىڭ خەۋىپسىزلىك ئەندىزىسىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي، جۇڭشىن شىركەتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق يۇمتاللىرى قاچىلانغان كامىرالىرىنى ئورناتقان.
فرانسىيەنىڭ «دۇنيا» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ خىل نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى، كۆز قارچۇقىنى، ئاۋازىنى ۋە قەدەم ئېلىش ئۇسلۇبىنى نازارەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى خالىغاندا كونتىرولى ئاستىغا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ سىستېمىنى ئەمدى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىپ، خىتايچە مۇستەبىت تۈزۈمدە دۆلەت باشقۇرۇشنى خەلقارالاشتۇرۇشقا كىرىشكەن. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قولۇم-قوشنىلارنى بىر بىرىنى نازارەت قىلدۇرىدىغان شەرمەندە ئۇسلۇبلارنى بەزى دۆلەتلەرگە تەۋسىيە قىلغان.
خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دېكتاتورلۇق تۈزۈلمىسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى زالىملار، ھامان بىر كۈنى بۇنىڭ ئېغىر بەدىلىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى خاتىرىسىدىن ئۇزاقتا تۇتماقتا.