خىتاي قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن نىمىشقا قورقىدۇ؟
«خىتاي پاختا مەنبەسىنى ئېنىقلاشقا ئالاقىدار ئامېرىكا شىركىتىنى توسۇپ قويدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئېنىقلاشقا ئالاقىدار ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن، «ئەگەر بېيجىڭنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن بۇنقەدەر قارشىلىق كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن سۇئال تۇغۇلغان.
بىزدە «قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما!» دەيدىغان تەمسىل بار. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە قورقىدىغان يەرلىرى بەك كۆپ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.textiletoday.com.bd/china-blocks-us-firms-linked-to-cotton-traceability?fbclid=IwY2xjawTxKhBwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEeIFvx95quvOliDwU6fYDy-BerD5qUmIlWHjBpCt2APa1IOauoNNjLh38Pugs_aem_B5mFhXxcrZHeare1SjAGJw
