خىتاينىڭ «Made in Vietnam»ئى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوشۇرالمايدۇ!
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ھىلە-نەيرەڭلەر بىلەن ئېكىسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا رەقىمى كۈنسىرى يۈكسىلىۋاتقان ۋيېتنام ئاشۇنداق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان.
بىلوئومبېرگنىڭ 28-ئىيۇل بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموجنا خادىملىرى ۋيېتنامدىكى خىتايغا ئائىت شىركەتلەر ئۈستىدىن تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. «Made in China»نىڭ ئورنىغا «Made in Vietnam»نى ئالماشتۇرۇپ تىجارەتلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرىدىن Neik ماركىلىق 50 مىڭ جۈپ ساختا ئاياغ مۇسادىرە قىلىنغان.
ئىچكىرى خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاياغ زاۋۇتلىرىدا ئېغىر شارائىتلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى خەلقارا مەتبۇئاتلاردا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ساختىكارلىقى
