خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىرقىسىم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە 22-سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى تەرىپىدىن پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى.
ئۇ بۇندىن 8 يىل ئىلگىرى، خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىدىدە ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغان ھەدىسىنىڭ 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئاساسلىق تېما قىلىپ سۆزلىدى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويىۋاتقان ئۆلۈم تەھدىتى، تور ھۇجۇمى، نازارەت قىلىش ھەمدە ئائىلە-تەۋابىئاتلىرىنى جازالاش قاتارلىق چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تۈرلىك باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
