خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ساختا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى دىققەت تارتماقتا

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ساختا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى دىققەت تارتماقتا
تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان «تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق فوندى» تەشكىللىگەن ئاخبارات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا 8 كۈن زىيارەت قىلدۇرۇش پائالىيىتىدىن كېيىن قانات يايغان ساختا تەشۋىقات ئۇرۇنۇشلىرى, ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تامامەن ئىنكار قىلىش يۈزلىنىشىدە بولغان ئىدى. بۇنىڭغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بەزى تۈرك ئەربابلىرى كۈچلۈك ئىنكاسلار قايتۇرغان.
مەزكۇر خەۋەردە، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ناچارلاشقانلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە BYD زاۋۇتىنى قۇرۇش كېلىشىمىنى بۇزۇش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ بۇزغانلىقى، نۆۋەتتە تۈركىيە ئاخباراتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى يوققا چىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.middleeasteye.net/news/china-steps-propaganda-blitz-turkey-amid-fallout-byd-debacle?fbclid=IwY2xjawTgBdlwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEeqtGraKVBj_ppUEy4j0pDzw0dg4i93MdYrTn67HK5Pk7fPdTYEEmikfTKXJ8_aem_uZQ_Q3fdw2CGryDQxZip4A