خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرى بىر بىرلەپ يوقىتىلىشقا يۈزلەنمەكتە

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرى بىر بىرلەپ يوقىتىلىشقا يۈزلەنمەكتە
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا غايەت زور ھەسسە قاتقان ئۆي-مۈلۈك گورۇھى Evergrande (恒大) ۋە بۇ شىركەتنى قۇرۇپ، خىتايدا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئۆرنىكىگە ئايلانغان شۈ جيايىن (许家印) نى نەس باسقانلىقىنى 20-ئاۋغۇست خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان.
شۈ جيايىنغا ئۆمۈرلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، پۈتۈن ما-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ گورۇھنىڭ 5 يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 كىشىگە 6 يىللىقتىن 18 يىللىققىچە جازا بېرىلگەن. Evergrande گورۇھىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي جازانىڭ سوممىسى 8 مىليارد 820 مىليون، ئۇنىڭ تارماق شىركىتىگە 7 مىليارد يۈۋەن بولغان.
خىتاي شۈ جيايىنغا، كۆزدىن يوقىتىشنى خالىغان ھەركىمگە ئارتىدىغان بىرتالاي جىنايەتلەرنى ئارتقان. ئەمما ھازىر شى جىنپىڭغا كېرەك بولىۋاتقىنى شۈ جيايىن كەبى بايلار ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ توپلىغان مۈلكىدۇر. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، خىتايدىكى تېرىسىغا سىغماي قالغان تېخىمۇ كۆپ بايلار شى جىنپىڭنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىشى مۈمكىن.