خىتايدىن قۇتۇلۇشنىڭ بەدىلىمۇ ئاشۇنداق ئېغىر

خىتايدىن قۇتۇلۇشنىڭ بەدىلىمۇ ئاشۇنداق ئېغىر!
فرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 28-ئىيۇل بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېلېفون ئالاقە ساھەلىرى 20%-27،5% نىسبەتتە خىتاينىڭ خۇاۋېي بىلەن جوڭشىڭ شىركىتىنىڭ 5G سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق ۋە كېلىچەكتە ئالاقە تورىنى توساتتىن ئۈزۈپ تاشلاش خەۋپى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ بۇ ئىككى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قوشقان ھەسسىسى غايەت زور. ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىدە.
ئەمدىلىكتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ بالادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا فىنلاندىيەنىڭ Nokia ۋە شىۋېتسىيەنىڭ Ericsson ئالاقە سىستېمىسىنى ئىشلىتىش، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خەۋىپسىزلىكى ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈسكۈنلىرىنى تۈپتىن ئالماشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن.
بىراق Orange (فىرانسىيە)، Deutsche Telekom (گېرمانىيە)، Vodafone (ئەنگىلىيە) ۋە Telefónica (ئىسپانىيە) شىركەتلىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان. چۈنكى ئالماشتۇرۇش تەننەرقى 30 – 40 مىليارد ياۋروغا توختايدىكەن.
بۇ ئېغىر بەدەلگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماقۇل بولۇش-بولماسلىقى تالاش-تارتىش ئىچىدە. لېكىن ماقۇل بولمىسا، پۈتۈن ياۋروپا خەتەر ئىچىدە. خىتايدىن قۇتۇلۇشنىڭ دەردىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ!