خىتايدا «گېن تەھرىرلەش» ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش
خىتاينىڭ 2016 -يىللىرى جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئومۇمىيۈزلىك «گېن تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. كېيىن بۇ تەكشۈرۈش مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «نازارەت قىلىش»، «ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ ئالدىن تەدبىرى سۈپىتىدە شەرھىيىلەنگەن ئىدى.
گېن تەتقىقاتىدا ئامېرىكادىن ئېشىپ چۈشۈش ئۈچۈن جىددىي تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان خىتاينىڭ قانچىلىك ئۇيغۇرنى بۇ تەتقىقاتقا قۇربان قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا ۋە ئۆتكەن يىلى يۈز بېرىپ، بۇ يىل ئاشكارىلانغان بىر پاجىئە، خىتاينىڭ نەقەدەر مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ئىيۇلنىڭ 24-كۈنى <Science> بىلەن <Retraction Watch> بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، <Snijders Blok-Campeau syndrome> كېسىلى بولغان 6 ياشلىق بىر خىتاي قىزى 2025-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتۇتىدا «گېن تەھرىرلەش» داۋالىشىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
دۇنيا مىقياسىدا «گېن كىسەللىكى»نىڭ بىر تۈرى بولغان <Snijders Blok-Campeau syndrome> كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى جەمىي 237 كىشى بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىسەللەرنىڭ ئاساسلىقى مېڭە تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. ئەمما داۋالانمىسىمۇ نورمال ياشىيالايدىكەن.
بۇ 6 ياشلىق قىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى 800 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن. نەتىجە قىزىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار خەلقارالىق ئىلمىي ژورنال بولغان <Nature>دا بۇ ۋەقەنى يېقىندا ئاشكارىلىغان. بۈگۈن بۇ ۋەقە خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئەتە بەلكىم، خىتاينىڭ گېن تەتقىقاتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئاشكارىلىنىشى مۈمكىن.
