جەۋھەر ئىلھام بىلەن سۆھبەت

جەۋھەر ئىلھام 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېيجىڭدا ئوقۇغان. ئۇ ئەسلىدە 2013-يىلى دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋىرسىتېتىدا زىيارەتچى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىشى سەۋەبلىك دادىسى بىلەن بىللە ئامېرىكاغا كەلمەكچى بولغان، لېكىن دادىسىنىڭ چىگرادىن ئۆتكۈزۈلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۆزى يالغۇز ئامېرىكاغا كەلگەن.

ئىككى يىل ئىندىئانا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تىل كۇرسىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەندىن كىيىن، 2016-يىلى سىياسىي پەنلەر كەسپى بويىچە رەسمىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى باشلىغان. كېيىنچە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېقىن-شەرق مەدەنىيەت ۋە تىل تەتقىقات بۆلۈمىدە ئەرەب تىلى بويىچە دەرس ئىلىشقا باشلىغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىلى يىزىش-ئوقۇش بويىچە دەرس ئالغان. 2019-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، سىياسى پەنلەر، يېقىن-شەرق مەدەنىيەت ۋە تىل تەتقىقاتى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ئىندىئانا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، 2020-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى (Worker Rights Consortium) دە خىزمەتكە باشلىغان. ئۇ ھازىر مەزكۇر بىرلەشمىدە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

جەۋھەرنىڭ دادىسى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە «ئۇيغۇر بىز» تورىنى تەسىس قىلغان ئىدى. ئۇ 2004-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر بىز» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش يوللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خىتايلار بىلەن باراۋەر ھەق-ھوقۇقلارغا ساھىب ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تورداشلارمۇ بۇ تور بەتتە ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدە ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقنى دۇنياغا ئاڭلاتقان. ئىلھام توختى 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

جەۋھەر ئىلھام دادىسى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن دادىسىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ جەرياندا «بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ دادىسىنى قۇتقۇزۇش كۈرىشى» ناملىق كىتابنى يازغان.

2014-يىللىرى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن داۋام قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى 2016-يىللىرى يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن جەۋھەر ئىلھام، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى دادىسىغا ئوخشاش خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مىليونلىغان دادىلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە داۋام قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدىنتى دونالد تىرامپ، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى، سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار ھەققىدە يازغان «مەن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر» ناملىق ئىككىنچى كىتابى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

تۆۋەندە جەۋھەر ئىلھام بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ھەققىدىكى بايانلىرى

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ھەققىدىكى بايانلىرى: . «مىللىي بىرلىك» توغرىسىدىكى قانۇن: شى جىنپىڭنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللىي كىملىك ​​قۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرى خىتاي رەھبىرى شى

خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ يەنە بىر زالىم قانۇنىي قورالىنى ماقۇللىدى

خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ يەنە بىر زالىم قانۇنىي قورالىنى ماقۇللىدى . ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎ’ﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﻪﺭ

ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ

ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﯞﺍﺷﯩﻦﮔﺘﻮﻧﺪﺍ 9-ﻣﺎﺭﺕ «ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﻰ»ﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻭﺑﯩﻴﻮ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻰ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻰ ﺳﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﺘﻮﻛﮭﻮﻟﯩﻢ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ (SIPRI) ﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ 5 ﺩﯙﻟﻪﺕ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى

«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى» . بېيجىڭ، 7-مارت (IANS) خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى رامزان ئېيىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە دۇچ

ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ

«ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ» ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ 7-ﻣﺎﺭﺕ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦﻏﺎ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭ» ﯞﻩ «ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ»ﻣﯘ

„ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ“ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻼﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ

„ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ“ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻼﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮪﯩﻨﺪﻭﻧﯩﺰﯨﻴﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ 8-ﻣﺎﺭﺕ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ „ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ“ﺗﻪ،