تېلېگراف گېگانتى نوكىئا ئاخىرى خىتايدىن ۋاز كەچتى
فىنلاندىيەنىڭ ياۋروپادىكى داڭلىق تېلېگراف گېگانتى بولغان نوكىئا (Nokia) ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايغا ئۆزىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، بولۇپمۇ يۇمتال ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىغەملەرچە ئۈگىتىپ ۋە ئوغۇرلىتىپ يۈرۈپ، بۈگۈنگە كەلگەندە خىتايدىن نەپ ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ 2026-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە خىتايدىكى بارلىق شىركەتلىرىنى تاقايدىكەن. مىڭلىغان خىتاي خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالىدىكەن.
خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە بارغانسىرى قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشكەن نوكىئا، خىتايدىن قايتۇرۇپ ئالغان مەبلەغلىرىنى ياۋروپادا قايتىدىن تېلېگراف ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلىدىكەن.
«ئالما» ئۆز شىركەتلىرىنى ئاستا-ئاستا خىتايدىن سۇغۇرۇپ چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە Nokia نىڭمۇ چىقىپ كېتىشى، ئەلۋەتتە خىتاي ئۈچۈن يەنە بىر ئىقتىسادىي زەربە ھېسابلىنىدۇ.
