تۈگمىنى بىر بېسىش بىلەنلا، خىتاينى ياۋروپا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىش

تۈگمىنى بىر بېسىش بىلەنلا، خىتاينى ياۋروپا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىش
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىمىز كۈنىگە 1 مىليارد ياۋرو بولماقتا!»، «كۈنىگە خىتاينىڭ 1 مىليون خالتا ئەرزان ماللىرى ئېقىپ كىرمەكتە!»، «بىز سودىدا ئادىل رىقابەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز كېرەك!» … دەۋاتقىلى يىللار بولدى. ئەمما بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالالمىدى. ئالغان تەدبىرلىرى كېرەككە كەلمىدى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان ئەرزان تاۋارلار ياۋروپاغا تۆكمە قىلىنىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىنى بۈگۈنكىدەك پالەج ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.
چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «بېسىم شەكىللەندۈرگۈچى دۆلەتلەرگە تىز زەربە بېرىش»نى مەزمۇن قىلغان بىر قارارنى ماقۇللىغان. «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى ( ACI)» دەپ ئاتالغان، خىتايغا قارىتىلغان بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئەۋزەللىكى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «تۈگمىنى بىر بېسىش بىلەنلا، خىتاينى ياۋروپا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىش» ھوقۇقىنى بېرىدىكەن.
بۇنى بىر ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىش-قىلىنماسلىقى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى خىتاينىڭ خام ئەشيالىرى ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىشتىن تېخى قۇتۇلغىنى يوق.