تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خىتاينىڭ ئاۋازى جېمىقتۇرالامدۇ

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خىتاينىڭ ئاۋازى جېمىقتۇرالامدۇ؟
چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى <<تۈركىيەدىكى خىتاي تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن>> ناملىق يازمىسىدا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بولغان مونىپوللىقى ياكى بېسىمىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن.
مەزكۇر يازمىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە قانداق تەشۋىقات ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەرساھە بېسىملار مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: