ترامپ «بىز خىتاي بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز» دەيدۇ، خىتاي «ترامپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ. زادى قايسى راست؟

ترامپ «بىز خىتاي بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز» دەيدۇ، خىتاي «ترامپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ. زادى قايسى راست؟
ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىز خىتاي تەرەپ بىلەن ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز» دېگەن. بىراق خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى » بۇ يالغان ئۇچۇر، بىز ھىچقاچان تاموجنا بېجى مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئەمەلىي سۆھبەتتە بولمىدۇق، كېلىشىم ھاسىل قىلالىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس » دەپ، ترامپنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقىرىپ كەلگەن. زادى قايسىنىڭ دېگەنلىرى راست؟
كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېزىت مۇخبىرلىرى 24-ئاپرىل ئاقسارايغا يېقىن مالىيە مىنىستېرلىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ20 مالىيە باشلىقلىرى ئىچكىي يىغىنىغا 10 ئەتراپىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆئىمىكى ئەزالىرىنىڭ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنى رەسىمگە تارتىۋالغان. بىراق خىتايلار كورىيە مۇخبىرلىرىنى رەسىملەرنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا مەجبۇرلىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
خىتايلار نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ نىمىدىن قورقۇدۇ؟
ئاقساراينىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەربابىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ «يۈز-ئابروي ئۇرۇشى» غىمۇ ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ كەتسە، » بىز ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىمىز» دەپ پو ئاتقان شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئىچىدىكى يۈز-ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولىدىكەن. شۇڭا خىتاي تەرەپ ئۆز پۇخرالىرىغا ۋە دۇنياغا ئامېرىكىغا باش ئەگمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
بىراق «تېشىلمەيدىغان چىلەك يوق، يېشىلمەيدىغان سىر!»

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

«تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

«تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»

O´Neill ئاۋام پالاتاسى بىناسىدىكى پائالىيەتلەر

O´Neill ئاۋام پالاتاسى بىناسىدىكى پائالىيەتلەر 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ھەمدە تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە دىرېكتورى سابرىنا سۇھائىل ئاۋام پالاتاسىدىكى تۈرلىك يىغىنلارغا قاتناشتى. ئۇلار

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى

ئاننالىنا بايېربوك ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولدى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازى بولالىغان بىر ئۇيغۇر ئانانىڭ قىسمىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ