Warning: preg_match(): Unknown modifier '(' in /customers/7/5/d/cxezmb4fp/webroots/www/wp-includes/load.php on line 1968 تاجىكىستان خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن چېكىندى - ئۇيغۇر ھەرىكىتى

تاجىكىستان خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن چېكىندى

تاجىكىستان خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن چېكىندى
باش شىتابى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھرىگە جايلاشقان خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قاتارلىق ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن شەخسلەرنى سوت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە 125 دۆلەت ئەزا بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت 3 چوڭ دۆلەت ئەزا ئەمەس.
تاجىكىستان 23-نويابىر كۈنى خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى: «بۇنىڭغا قارىتا ئەپسۇسلىنىمىز، ئەزا دۆلەتنىڭ «رىم نىزامنامىسى» دىن چېكىنىش قارارى، ئادالەتكە كوللېكتىپ ئىنتىلىش تىرىشچانلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە دۇنيا بويىچە جازاسىزلىققا خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېگەن.
تاجىكىستان 1998-يىلى «رىم نىزامنامىسى» گە ئىمزا قويغان، 2000-يىلى تەستىقلانغان.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتايدا ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەندە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، خەلقارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى «ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك» كە چاقىرغان.
خەلقارا جىنايى سوت مەھكىمىسى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇنىڭ بالىلار ھوقۇقى بويىچە ۋەكىلى مارىيا لۋوۋا-بېلوۋاغا قارشى 2023-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ!