بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟
ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كۈلۈپ باقمىغان بىر شەخس بولغانلىقى مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ۋېنگىرىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلىمىدا، خىتاينىڭ ۋېنگىرىيە تۇپراقلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن ۋىكتور ئوربان مەغلۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى پېتېر ماگيار ئىگىلىگەن. پېتېر ماگيار سايلامدىن ئىلگىرى، ئەگەر ئۆزى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، خىتاينىڭ ۋېنگىرىيەدىكى باتارىيە زاۋۇتلىرى ئۈستىدىن ئومۇمىييۈزلىك تەكلشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋېنگىرىيەدە يىللاردىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغۇنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلگەن خىتاينىڭ باتارىيە گېگانتى CATL نىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى Semcorp نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان ھەمدە زاۋۇتلىرى ئىشتىن توختىتىلغان.
خىتاينىڭ CATL ۋە Semcorp شىركەتلىرىنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى باتارىيە زاۋۇتلىرىغا سالغان مەبلەغلىرى قانچە مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى Mercedes-Benz، BMW ۋە VW قاتارلىق ماشىنا زاۋۇتلىرىنى باتارىيە بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى ئوربان ھۆكۈمىتى خىتايدىن كىرىۋاتقان مەبلەغلەرنىلا كۆرۈپ، مۇھىتتىكى بۇلغۇنىشلارنى كۆرمەسكە سالغان.
پېتېر ماگيار ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زەربىسىگە خىتاينىڭ قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما خەلق بۇنى قىزغىن قوللىغان ۋە خىتايلارنىڭ ۋېنگىرىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەب قىلىشقان.
